كاندال ئۆلكىسى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت پنوم پېننىڭ 49 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان ئۆلكىدە ئەتىگەنلىك ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىپ كۆلچەككە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئاپتوبۇستا 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان 26 ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 5 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 3 ىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 21 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
ساقچىلار، 31 ياشلىق ئاپتوبۇس شوپۇرىنى نازارەتكە ئالدى.
نەق مەيدان شاھىتلىرى تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز موتسىكلىت چىقىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن تورمۇزنى قاتتىق باسقان شوپۇرنىڭ رولنى كونترول قىلالماي قالغانلىقىنى بىلدۈردى.




















