خۇس X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدا دۆلەتتە تەسىرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىغا ئائىت ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
بىر ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالپ تاغلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇقىدىكى قار بىلەن قاپلانغان رايوننى ئېرىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خۇس: «(ئالپ تاغلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇقى) كونكوردىياپلاتزدىكى بۈيۈك ئالېتسچ مۇزلۇقى پەقەت ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا قار بىلەن قاپلانغان ھالەتتىن يالىڭاچ مۇزغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ پۈتۈنلەي مۇستەسنا بىر ئەھۋال ئەمەس. ئەنسىرىتىدىغىنى ۋاقىتنىڭ تاللىنىشىدۇر. بۇ ئەھۋال نورمالدا ھازىرقى پەسىلدىن 1-2 ئاي كېيىن مەيدانغا كېلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
خۇس شۋېيتسارىيەنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ ئورگىنى SRF قىمۇ بايانات بېرىپ: «بىزنىڭ ھېسابلىشىمىز ۋە مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىللىق مۇزلۇقلارنىڭ قايتىشى (ئېرىپ ئارقىغا چېكىنىشى) 29-ئىيۇندا يۈز بېرىدۇ. بۇ، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە شۋېيتسارىيە مۇزلۇقلىرىنىڭ قىش بويى توپلىغان پۈتۈن ھەجىمىنى بەلكىم يوقىتىپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
«بۇ يىل جەزمەن تولىمۇ كۆپ مۇز يوقىتىمىز»
قىش پەسلىدە قارنىڭ يېتەرلىك ياغمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان خۇس، بۇنىڭ مۇزلۇقلارنى قوغدايدىغان قار قاتلىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
خۇس يازنىڭ ئىسسىقلىرى بۇ يىل ئىنتايىن بالدۇر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«ماي ئېيىدا تۇنجى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە تۈزلەڭلىكلەردە تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. ئەمدى بولسا بۇ ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى كەلدى. ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى، بولۇپمۇ داۋاملىشىش مۇددىتى جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئادەتتىن تاشقىرىدۇر. ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا چوقۇم دېگۈدەك كۆرىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىمىز، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇزلۇق يوقىتىشقا بىۋاسىتە يول ئاچىدۇ. بۇ يىل جەزمەن تولىمۇ كۆپ مۇز يوقىتىمىز.»




















