سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن يانمۇيان ياشاشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەسىلىلەرنى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلىشقا چاقىردى.
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز
مىچوتاكىس: «جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەريانى ھەققىدە: «يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشىلاش، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە سۆھبەت يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، شۇ ئارقىلىق ئارزۇ قىلىنمايدىغان كىرىزىسلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بولغان يوشۇرۇن جىددىيچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ» دېدى.

مىچوتاكىس تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تارىخنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈۋاتقان سەزگۈر بىر مۇناسىۋەت بارلىقىنى، رايونلۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىشلەر كۆزدە تۇتۇلغاندا، كەلگۈسىدە قانداق قەدەم تاشلاش توغرىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي تۈردە ئورتاق بىر چۈشەنچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ چۈشەنچىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر: «مېنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئېيتقىنىمدەك، جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىچوتاكىسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر ئىختىلاپ «مۇتلەق ئىقتىسادىي رايون» ۋە قۇرۇقلۇق سىزىقىنى بېكىتىش مەسىلىسى بولۇپ، ب د ت دېڭىز ھوقۇقى ئەھدىنامىسى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر تۈزۈلمىلىك رامكا ھېسابلىنىدىكەن.

قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان كىرىياكوس مىچوتاكىس، بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت نىڭ ئۆز قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىكى «سىناق تېشى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ