جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، جەنۇبىي كورېيەلىك 3 ئوفىتسېر يارىلاندى.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پارتلاش قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوننىڭ غەربىي قىسمىدا، ھەربىي چېگرا لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن.
باش ئىشتاب يارىلانغان 3 ئوفىتسېردىن ئىككىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارتلاشنىڭ خاراكتېرىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار ھەمبەھىرلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ قۇرۇقلۇق مىناسى پارتلاش بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.





















