كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىگە جايلاشقان بېللېۋىللې شەھىرىدە بىر سىناگوگنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچى بىلەن بىر پۇقرا يارىلاندى.
(ABC News) خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەمەلدارلار ھۇجۇمنىڭ يەكشەنبە كۈنى يەھۇدىي جامائىتى ئەزالىرىنىڭ يوم كىپپۇر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولغان مەزگىلىدە «Sons of Jacob» سىناگوگى ئالدىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بېللېۋىللې ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 19:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي ئىككى كىشى يارىلانغان.
نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىلار يارىلانغان كىشىنىڭ ھۇجۇم گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ھۇجۇمنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى ۋە سىناگوگنىڭ ياكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ نىشان قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىمىدى.
يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى.





















