نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەملىكەتلىك مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پلاتېئو ئۆلكىسىگە قاراشلىق باركىن لادى رايونىغا كەلگەن ۋە كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان قوراللىق كىشىلەر ئەتراپقا ئوق چىقارغان.
ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، نىگېرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئۆلكىنىڭ شېرې، گۋافان ۋە مازا رايونلىرىدا شايكا ئەزالىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ھەربىي ھەرىكەتلەردە 11 قوراللىق شايكا ئەزاسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى خاتىرىلەندى.
پلاتېئودا پات-پات قوراللىق ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ تۇرىدىغان شايكا ئەزالىرىنىڭ، ئىيۇل ئېيىدا مەزكۇر ئۆلكىدە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
نىگېرىيەنىڭ ئوخشىمايدىغان رايونلىرى، ئۇزۇندىن بېرى قوراللىق شايكىلاردىن سىرت، بوكو ھارام ۋە دائېشنىڭ غەربىي ئافرىقا شۆبىسى بولغان ISWAP تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.





















