ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى فلورېس (Flores) ئارىلى يېقىنىدا 7.7 بال يەر تەۋرىدى. دائىرىلەر دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، مىڭلىغان كىشى ۋەھىمە ئىچىدە تاغلارغا قاراپ قاچتى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.
شەنبە (2026-يىلى 15-ئاۋغۇست) كۈنىدىكى يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن جاي بولغان ناگېكېئو (Nagekeo) ناھىيەسىنىڭ ئاھالىلىرى، دېڭىز سۈيىنىڭ كەينىگە چېكىنىشىنى — دېڭىز تاشقىنى كېلىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن — كۆرۈپ، ئېگىز جايلارغا قاراپ جىددىي قاچتى.
دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېيىنچە بىكار قىلىندى
ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر يۈزىگە يېقىن يۈز بەرگەن بۇ قېتمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي ئارالنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، يەنى ساھىل شەھىرى ئەندېنىڭ (Ende) تەخمىنەن 68 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.
دەسلەپكى قاتتىق سىلكىنىشتىن كېيىن، شۇ رايوندا يەنە بىر قېتىم 6.1 بال يەر تەۋرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك قالدۇق تەۋرەشلەر يۈز بەردى.
ماۇمېرېدا (Maumere) ياشايدىغان 31 ياشلىق دوختۇرخانا خىزمەتچىسى لۇكاس لوتار ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىغا: «تۇيۇقسىز يەر تەۋرەشكە باشلىدى ۋە مەن ۋەھىمىگە چۈشتۈم. بىمارلارمۇ دوختۇرخانىدىن قاچتى، سىلكىنىش بەك كۈچلۈك ئىدى. بەزى تاملارغا چاك كەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى.
ناگېكېئودا ياشايدىغان 56 ياشلىق يۇھانېس بابو يەر تەۋرىگەن پەيتتە بازاردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «تەۋرەش ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. خۇداغا شۈكرى، بىز ئاللىقاچان ئۆينىڭ سىرتىدا ئىدۇق. كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە ھەر تەرەپكە قېچىۋاتاتتى. بىز ھازىرچە تارقاقلىشىپ... ئېگىز تاغلارغا چىقىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئائىلەمدىكىلەر ئامان، ھېچكىم يارىلانمىدى» دېدى.
تارقاقلىشىش چاقىرقى
ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە، كىلىماتولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى (BMKG) يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى دولقۇنلىرىنىڭ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە كىشىلەرنى ئېگىز جايلارغا چىقىشقا چاقىردى.
دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ (BNPB) ئەمەلدارى ئابدۇل مۇھارى: «بىز فلورېسنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، شۇنداقلا جەنۇبتىكى ئاراللار ۋە پۈتكۈل جەنۇبىي رايونلاردىكى جامائەتچىلىكنى دەرھال تارقاقلىشىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز» دېدى.
ئۇ كومپاس (Kompas TV) تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، ئاھالىلەرنىڭ «دېڭىز قىرغىقىدىن يىراقلىشىشى، يەنى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق كىرىپ كېتىشى ياكى 10 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلارغا چىقىۋېلىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.
دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋىجايلانتو دېڭىز تاشقىنى مودېللىرىنىڭ شەرقىي نۇسا تەڭگگارا، جەنۇبىي سۇلاۋېسى ۋە غەربىي نۇسا تەڭگگارا ئۆلكىلىرىدە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوت ھالقىسى
ھىندونېزىيە ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى، تىنچ ئوكيان «ئوت ھالقىسى»غا (Ring of Fire) جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن دائىم يەر تەۋرەش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ رايون ياپونىيەدىن باشلىنىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە پۈتكۈل تىنچ ئوكيان ۋادىسىغا سوزۇلغان يەر ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەگمە رايوندۇر.
ھىندونېزىيە تارىخىدىكى ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشلەر ئارىسىدا، 2004-يىلى سۇماترا قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن 9.1 بال تەۋرەش ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز تاشقىنى پۈتكۈل رايوندا 220 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 170 مىڭى ھىندونېزىيەلىكلەردۇر. بۇ «بوكسىڭ كۈنى» (Boxing Day) پاجىئەسى خاتىرىلەنگەن تارىختىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
2018-يىلمۇ، كۈچلۈك بىر يەر تەۋرەش لومبوك ئارىلىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن قالدۇق تەۋرەشلەر بۇ ساياھەت ئارىلى ۋە قوشنا سۇمباۋادا 550 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، سۇلاۋېسى ئارىلىدىكى پالۇدا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن دېڭىز تاشقىنى 4300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ياكى يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'I thought it was doomsday': Asia mourns tsunami dead 20 years on




















