تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر گىرۇزىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراكلى چىكوۋانى ۋە ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوف بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
تەۋسىيە
«ئەزەربەيجان—تۈركىيە—گىرۇزىيە ئۈچ تەرەپ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن ئىلگىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر گىرۇزىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراكلى چىكوۋانى ۋە ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوف بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.»





















