تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئىمزالاندى، ئەزەربەيجان تۈركمەنىستانغا ماي توشۇش پاراخوتى سوۋغا قىلدى.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

سۆھبەتلەردە قاتناش، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد ۋە سانائەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

زىيارەت دائىرىسىدە ئەلىيېۋ ۋە بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، ئەزەربەيجاندىن تۈركمەنىستانغا سوۋغا قىلىنغان «دوستلۇق» ناملىق ماي توشۇش پاراخوتىنى توردا تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

باكۇ پاراخوت ياساش زاۋۇتىدا ياسالغان بۇ ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 141 مېتىر، كەڭلىكى 16.9 مېتىر، سۇ تەكتى ئۇزۇنلۇقى تىنىقلىقى 4.54 مېتىر كېلىدۇ. يۈك توشۇش ئىقتىدارى 7 مىڭ 875 توننا بولغان بۇ ماي توشۇش پاراخوتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.

سۆھبەتلەردىن كېيىن ئەلىيېۋ بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ قوشما باياننامە ئىمزالىدى. شۇنداقلا تاموژنا، تەنھەرىكەت، ئەمگەك، ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، سانائەت، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ۋە مالىيە ساھەلىرى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك كېلىشىملەر ۋە كېلىشىم لايىھەلىرى ئىمزالاندى.

ئىمزالار قويۇلغاندىن كېيىن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەلىيېۋ قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ رايون نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيادا ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر قاتناش كارىدورلىرىنىڭ سانىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ: «ئەگەر دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلمىغان بولسا، نۆۋەتتىكى جۇغراپىيەلىك پۇرسەتلەرنىڭ ئۆزىلا بۇ تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەتمىگەن بولاتتى. بارغانسېرى ئېشىۋاتقان يۈك توشۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن يېڭى يۈك ئېقىمىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋمۇ ئەزەربەيجان تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان «دوستلۇق» ناملىق ماي توشۇش پاراخوتى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، مەزكۇر سوۋغاتنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بەردىمۇھەممەدوۋ، تۈركمەنىستاننىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان خەلقلىرىنى قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى، ئورتاق تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى