كارنېي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ئۆزىنىڭ ترامپ بىلەن ئامېرىكا-كانادا سودىسىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا «ياخشى» سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سۆھبەت دەل بىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىككى تەرەپكە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سودا كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجابىي سۆھبەتلىرىمىزنىڭ داۋامىدۇر. بۇ خىل كېلىشىم ئىشچىلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى خىزمەت پۇرسەتلىرىنى يارىتىپلا قالماي، ئائىلىلەرنىڭمۇ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادانىڭ تىللىرى، مەدەنىيىتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ.»
كارنېي يەنە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇمكى، بولۇپمۇ ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە، تاموژنا بېجى ۋە سودا سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنىدى.
ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كارنېي 27-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ كانادانىڭ «قىزىل سىزىقلىرى»نى قوبۇل قىلسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپمۇ مىچىگان ئىشتاتىدا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق سايلام نۇتۇقى جەريانىدا، كانادا بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىنىڭ «پات ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەنىدى.























