ئامېرىكا – ئىران سۆھبەتلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن خاقان فىدان: «ھەر ئىككى تەرەپ ئىجابىي بىر نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىن» دېدى.
خاقان فىدان ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، سۆھبەتلەرنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئەمەلىي قورشاۋ ئاستىدا قېلىشىنىڭ ھەم ئامېرىكا ھەم ئىرانغا «ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى» ۋە «خەلقئارالىق تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى» تىلغا ئالغان خاقان فىدان، بۇ ۋەزىيەتنىڭ يادرو ھۆججەتلىرىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە باشقا رايون دۆلەتلىرىنىڭ «ئىبراھىم ئەھدىنامىسى» گە داخىل بولۇشى يۆنىلىشىدىكى تەكلىپى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تارىخىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
«ئىسرائىلىيە تېخىمۇ كۆپ زېمىنغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا»
مىنىستىر خاقان فىدان: «(ئىسرائىلىيە بىلەن) سودىنى توختاتقان ۋاقتىمىزدا تۈركىيە پوزىتسىيەسىنى ئىنتايىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ۋە غەززەلىكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، پاناھلىنىش، دورا، سۇ قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئېھتىياجلارغا ئېرىشىشىنى توسۇشنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر بۇلار قاندۇرۇلسا، نورمال ھاياتقا قايتالايمىز، ھېچقانداق مەسىلە يوق. بىز ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىشنى خالايمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنى كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن باياناتلىرى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن خاقان فىدان، غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، سۈرىيە ۋە لىۋانغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىسرائىلىيە ئىچكى سىياسىتىدە رايونلۇق غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە سىياسەت يۈرگۈزەلىشى ئۈچۈن بىر دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ زېمىننى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ پېيىدا ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.»
خاقان فىدان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ پەقەت رايونلۇق تەرتىپنىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى خاراكتېرلىك تەرتىپنىمۇ تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


















