بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىمبىتۇۋا رايونىدا بىر ئاپتوبۇس بىلەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىمبىتۇۋا رايونىغا جايلاشقان پارانا ئىشتاتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل شىركەت تەرىپىدىن ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئەپسۇسكى، ئاپتوبۇستىكى 21 يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېيىلدى.
تەۋسىيە
باياناتتا يەنە، مەزكۇر ۋەقەدە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

















