خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
بېلگىيەنىڭ مېخېلېن شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە بومبا تەھدىتى ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن 1700 ئوقۇغۇچى بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلدى. مەزكۇر تەھدىتنىڭ راست ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى

بېلگىيەنىڭ مېخېلېن شەھىرىدىكى «ئۇرسۇلىنېن» مەكتىپىدە بومبا تەھدىتى ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر 1700 ئوقۇغۇچىنى تارقاقلاشتۇردى.

بېلگىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى RTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەكتەپكە تېلېفون قىلغان بىر كىشى، ئوخشاش بىر ئۇچۇر تەكرارلانغان ئاۋازلىق خاتىرە ئارقىلىق بومبا تەھدىتى ئۇچۇرى يەتكۈزگەن.

ساقچىلار خەۋەرلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىلگەن. مەكتەپ ئەتراپىدىكى قاتناشنى چەكلىگەن ساقچىلار، مەكتەپ بىنالىرىدا مەشىقلەندۈرۈلگەن ئىزدەش ئىتلىرى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىغان.

يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچلىرىدا ئوقۇۋاتقان 1700 ئوقۇغۇچى دائىرىلەر تەرىپىدىن بىخەتەر شەكىلدە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ يېقىنىدىكى بىر چېركاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئوقۇغۇچىلار ۋاقىتلىق چېركاۋدا كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ، بومبا تەھدىتىنىڭ ھەقىقىي خەۋپكە چېتىشلىقى بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىقلانمىغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئىران: ئاراقچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىنى پەزەشكىيانغا سۇندى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىسرائىلىيە  باشقا دۆلەتلەردىكى ھاماس رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارغا ئائىت ھەربىي ئۇنسۇرلار بىر تەرەپ قىلىندى»
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىرمادا 50 كىشى قازا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
گىرېتسىيە ئىسرائىلىيەدىن ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى