خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە راكېتالىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنادىكى «نافتوگاز» ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى
كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار پولتاۋا ۋە خاركىۋدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى، كىيېۋمۇ رۇسىيەدىكى بىر قورال زاۋۇتىغا قارشى ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە راكېتالىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنادىكى «نافتوگاز» ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى
رۇسىيە راكېتالىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنادىكى «نافتوگاز» ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى

ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە شىركىتى «نافتوگاز» رۇسىيەنىڭ شەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ شىمالىي-شەرقىدىكى پولتاۋا ۋە خاركىۋ رايونلىرىدا شىركەتكە تەۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە باللىستىك راكېتالار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەسلىھەلەردە زىيانلار كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا ئىشلەنگەن «فلامىنگو» راكېتالىرىنىڭ كېچە سائەتلىرىدە رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد رايونىدا زامبىرەك سىستېمىلىرى ۋە راكېتا قويۇپ بېرىش جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

خۇس  تېلېگرام قانىلىدىكى باياناتىدا، ھۇجۇملارنىڭ «تىتان-باررىكادى» ئەسلىھەلىرىدە ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئاخىرقى ھۇجۇملار، رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ئىككى رايونىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن يۈز بەردى.

دنىپروپېتروۋىسكى رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېكساندر خانژا، رۇسىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي-شەرقىدىكى نىكوپول شەھىرىدە بىر مىنىبۇسنى (كىچىك ئاپتوبۇسنى) نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى يولۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىككى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دنىپېرب دەرياسى بويىدا، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان نىكوپول شەھىرى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قەرەللىك ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.

رۇسىيە چېگراسىدىكى ۋە ئاساسەن ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقان شىمالىي-شەرقتىكى سۇمى رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېخ ھرىخوروۋمۇ رايون مەركىزىگە يېقىن بىر يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

جەنۇبتىكى زاپورىژيا رايونىنىڭ ۋالىيسى مىخائىل فېدوروۋ بولسا، كۈن بويى داۋاملاشقان رۇسىيە ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ تاشقى تاملىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئاخىرقى ھۇجۇم دولقۇنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇملىرىنىڭ شىددىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە پۇقراۋى رايونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.  ئۇكرائىنامۇ «فلامىنگو» غا ئوخشاش راكېتا سىستېمىلىرى بىلەن رۇسىيە زېمىنىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىنى سوقۇش ئىقتىدارىنى كۈنسېرى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھالدا نامايان قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Europe seeks united front on Ukraine ahead of NATO summit in Ankara
ئىزدىنىڭ
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى
پۇتىن: «ئۇكرائىنا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنى رۇسىيە جەمئىيىتىنى سارىسىمىگە سېلىش ئۈچۈن قىلماقتا»
مېلونى ترامپنىڭ باياناتلىرىدىن كېيىن «قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»
كىم جۇڭئۇن: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئىككىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ياساپ چىقىشىمىز شەرت
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى