سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس ئۆلكىسى يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا، ئالدىن كۆمۈپ قويۇلغان يەر مىناسىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ئەلئىخبارىييە» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇمۇس يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.
خەۋەردە، ئالدىن كۆمۈپ قويۇلغان بىر يەر مىناسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، رايونغا پۇقرالارنى قوغداش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى (SNHR) خەلقئارا مىناغا ئائىت ئاڭنى ئۆستۈرۈش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 2026-يىلى 4-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2011-يىلى مارتتىن 2026-يىلى ئاپرېلغىچە سۈرىيەدە يەر مىناسى ۋە چاچما بومبا قالدۇقلىرى سەۋەبىدىن، 1000 نەپەر كىچىك بالا ۋە 377 ئايالنى قوشقاندا ئاز دېگەندە 3 مىڭ 799 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.
دوكلاتتا يەنە، بۇ تالاپەتلەرنىڭ 329 نەپىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆرۈلگەن 2024-يىلى 8-دېكابىردىن ئاپرېل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈلگەنلىكى، بۇلاردىن 65 نەپىرىنىڭ كىچىك بالا، 29 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.






















