سان فىرانسىسكونى مەركەز قىلغان پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان تەتقىقات تەجرىبىخانىسى «Transluce» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئىدراك (AI) جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇنغان.
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، تەتقىقاتچىلارنىڭ «بىرى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى سانلىق مەلۇمات توپلاش سىستېمىسىغا، يەنە بىرى بولسا بىر كانادا فېدېراتسىيە ئورگىنى بولغان كانادا كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، دەسلەپكى سەۋىيەدىكى ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىككى قېتىملىق خاككېرلاش ئۇرۇنۇشى» نى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەتقىقاتچىلار، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ، جاسۇسلارنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، خاككېرلىق چەكىگە يەتمەيدىغان ئەمما ھۇجۇم خاراكتېرلىك تاكتىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا تور بېكەتلەرنىڭ ئادەتتە نىشانلانمىغان شەكىللەردە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە پات-پات ئوچۇق ئىشلىتىش سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى» ئىپادىلىدى.

دوكلاتقا قارىغاندا، تىلغا ئېلىنغان پائالىيەتلەر ئاقساراي، ئۇرۇش، ئەدلىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقلىرى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرى، ئاكسىيە ۋە بېرژا كومىتېتى بىلەن كالىفورنىيە، مارىلاند، ئىللىنوئىس، تېكساس ۋە نيۇ-يوركتىكى ئۆلكىلىك ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرىنى نىشان قىلغان.
تەتقىقاتچىلار: «ھازىرغىچە بۇ سانلىق مەلۇمات توپلاملىرىدا،جاسۇسلارنىڭ ئاممىغا ئوچۇق بولمىغان ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئەھۋالغا يولۇقمىدۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
كانادا تور بىخەتەرلىك مەركىزى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇمانلىق سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
كانادالىق ئەمەلدارلار: «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ھۆكۈمەت سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر پاكىت يوق» دېدى.























