روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ بىلەن ئودېسسا رايونىدىكى ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرىدىن سىرت بىر قۇرۇق يۈك پاراخوتىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرى بىلەن دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېچىسى ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كىيېۋدىكى «Renta Logistic» (رېنتا ئەشيا ئوبوروتى) شىركىتىگە ئائىت تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ يەردىكى ئامباردا ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر سېخ (زاۋۇت) نىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئودېسسادا بولسا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ۋە باشقا مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان «Hosting-ua» سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، ئودېسسادىكى چېرنومورسك پورتىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۈچۈن ھەربىي ماتېرىيال ۋە قوش مەقسەتلىك يۈك توشۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭمۇ نىشان قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.






















