ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خېرسوندا بىر مىكرو ئاپتوبۇسقا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھىرىدە بىر مىكرو ئاپتوبۇسنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھۇجۇمنىڭ «FPV» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان زېلېنسكىي: «تۆت كىشى ئۆلدى، بەش كىشى يارىلاندى» دېدى.
زېلېنسكىي ئۇرۇش فرونتىغا يېقىن رايونلاردا بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئىتتىپاقداشلىرىمىز قوشۇمچە مۇداپىئە ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسلار ھەرقانداق چەكتىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى.»
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، رۇسىيەنىڭ زاپورىجيا شەھىرىگە كېچىدە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


















