فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى زامبوئانگا شەھىرىگە جايلاشقان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 9 كىشى يارىلاندى. دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (NBI) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم دەرس باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى يۈز بەرگەن.
مەكتەپكە تاپانچا بىلەن كىرگەن ھۇجۇمچىنىڭ شۇ مەكتەپنىڭ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ھازىرچە ھۇجۇمدا 2 ئوقۇغۇچى ۋە 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. دائىرىلەر ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ۋە مەكتەپتىكى خەۋپسىزلىك يوچۇقلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىدى.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جۇنىيور دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ۋەقە ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. ئۇ يەنە ئالاقىدار تارماقلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىمۇ فىلىپپىندىكى باشقا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 3 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.















