سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا تۆت قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تاشلاندۇق ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنى بومباردىمان قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم شۇ جاي ۋاقتى سائەت 03:00 ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئايرودۇرۇم جەمئىي تۆت قېتىم بومباردىمان قىلىنغان. ھازىرچە ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى، سۈرىيە دائىرىلىرىمۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە ئاساسلىقى سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ بازىلىرىنى نىشانلاپ كەلگەن ئىدى، ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ھۇجۇم دائىرىسىنى پۈتۈن سۈرىيە مىقياسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارغا، بولۇپمۇ قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسكىلاتلىرىغا كېڭەيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى
رۇمېنىيە ھاۋا بوشلۇقىغا قانۇنسىز كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىنى بىر تۋىت، بىر ئاۋىياماتكا ياكى سايلام نۇتقى بىلەن ئىگەللىۋالغىلى بولمايدۇ
ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا تۈن نىسبىدە يەر تەۋرەش يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە 7.7 بال يەر تەۋرىدى
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئىران ئۇرۇشىدىن كىم پايدا ئالدى؟
كۇبا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ناتو ئايروپىلانلىرى لاتۋىيە تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟