ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2025-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، غەززە رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تىببىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنى بومباردىمان قىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى توققۇزغا يەتكەن، 15 كىشى يارىلانغان.
تەۋسىيە
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەدىن غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى كەچتە غەززە شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

















