فىلىپپىن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (PNA) خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇسۇلمان مىنداناۋدىكى باڭسامورو ئاپتونوم رايونىدا (BARMM) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنى بولغان باڭسامورو ئورگانىك قانۇنى (BOL) بويىچە رايونلۇق پارلامېنت تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ بىۋاسىتە تاللىشى بىلەن تەشكىللىنىدۇ.
يېڭى رايونلۇق پارلامېنت ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باڭسامورو ئۆتكۈنچى ھوقۇق ئورگىنىنىڭ (BTA) ئورنىنى ئالىدۇ.
فىلىپپىن ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2024-يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، باڭسامورو رايونىدا كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ۋە مورو ئېتنىك گۇرۇپپىسىدىن بولغان تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ كىشى ياشايدۇ. رايوندىكى تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلار سانى 2 مىليون 400 مىڭ.
80 ئورۇندۇقلۇق باڭسامورو پارلامېنتىدا سىياسىي پارتىيەلەر نىسبەتلىك ۋەكىللىك تۈزۈمى بويىچە تەقسىملىنىدىغان 40 ئورۇن ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ. قالغان 40 ئورۇننىڭ 32 سى يېزا-قىشلاقلاردىكى سايلام رايونلىرىدىن، سەككىزى بولسا مورو مىللىتىگە تەۋە بولمىغان يەرلىك خەلقلەر ياشايدىغان رايونلاردىن بەلگىلىنىدۇ.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس سايلام كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سايلام جەريانىدا «ساغلام ئەقىل ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت» ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ماركوس دېموكراتىك مۇساپە ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سايلىنىدىغان يېڭى ۋەكىللەر ئارقىلىق «دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان تۇنجى باڭسامورو پارلامېنتى»نىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە ھەر بىر سايلىغۇچىنى بۇ ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەتكە ساغلام ئەقىل، سالماقلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت بىلەن قاتنىشىشقا چاقىرىمەن. تاشلايدىغان بېلىتىڭلار باڭسامورو ئورگانلىرىنى كۈچەيتەلەيدىغان، مىنداناۋ ۋە پۈتكۈل دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدىغان ياخشى رەھبەرلەرنى تاللىشىمىزغا ياردەم قىلسۇن.»
2019-يىلى 21-يانۋار ۋە 6-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن خەلق رايىنى سىناش پائالىيەتلىرىدە، رايونغا كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىدىغان باڭسامورو ئورگانىك قانۇنى قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان مىنداناۋدا باڭسامورو ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق باڭسامورو ئۆتكۈنچى ھوقۇق ئورگىنى تەسىس قىلىنغان ئىدى.























