خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ناگچۇ ۋىلايىتى باچېن ناھىيەسى بولۇپ، ئاپەت نەتىجىسىدە 300 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغان 32 كىشىنىڭ ئىچىدە 11 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، يېنىك يارىلانغان باشقا 21 كىشىمۇ دوختۇرخانىلاردا جىددىي داۋالانماقتا ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت رايونىغا دەرھال 300 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە 347 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش ھەم قۇتقۇزۇش خادىمى يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان.
تەۋسىيە
نۆۋەتتە خارابىلىك ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.






















