مىسىرنىڭ شىمالىدا ئەتىگەن سائەتلەردە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە، 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
يەرلىك تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەئىدتىن قوزغالغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى فەييۇم ۋىلايىتىنىڭ تامىيە رايونىدىكى غەربىي ئاسيۇت تاشيولىدا توختىتىپ قويۇلغان بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەن.
ۋەقەدە 13 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئاپتوبۇسنىڭ سوقۇلۇش زەربىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قاتناش ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئېلىپ بارغان دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە، ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ئۇخلاپ قالغان بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ۋەقەدىن كېيىن رايونغا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسەتخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەپتىش مەھكىمىسى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قاتناش باش ئىدارىسىگە قاراشلىق ئەترەتلەرمۇ قالدۇقلارنى تازىلاش ۋە قاتناش ئىزچىللىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلدى.




















