تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
قەيسەرىدىكى كۈلتەپە-كانىش قەدىمكى خارابىلىكىدە، 1948-يىلى باشلانغان قېزىشلاردا تۇنجى قېتىم ھېللىنىستىك دەۋرىگە مەنسۇپ موزايكا ياتقۇزۇلغان بىر قۇرۇلۇش بايقالدى.
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مۇزېيلار باش ئىدارىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جەنۇبىي كورېيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى ھەمكارلىقىدا كۈلتەپە-كانىشتا ئېلىپ بېرىلغان قېزىشلاردا، بۇ جاينىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 323-يىلىدىن 30-يىللىرىغىچە بولغان ھېللىنىستىك دەۋرىگە ئائىت مۇھىم بايقاشلارغا ئېرىشىلدى.

قېزىپ چىقىلغان موزايكا ياتقۇزۇلغان قۇرۇلۇش بىلەن بىرگە بايقالغان تۆت ئوخشىمىغان ھېللىنىستىك مەدەنىيەت قاتلىمى، قەدىمكى ماكاننىڭ مەزكۇر دەۋردە باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتە يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنگە قەدەر ئاساسەن تۇچ دەۋرىگە مەركەزلەشكەن قېزىش ۋە تەتقىقاتلار سەۋەبىدىن تېخىمۇ چەكلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇنغان ھېللىنىستىك دەۋرىگە ئالاقىدار يېڭى بايقاشلار، ئۇ يەردىكى بوشلۇق ئىشلىتىش شەكىللىرىنى چۈشىنىشكىمۇ ھەسسە قوشىدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-مىڭ يىللىقتىن رىم دەۋرىگىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان كۈلتەپە-كانىش، ئانادولۇنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھىتتىت ئىمپېرىيەسى گۈللىنىشتىن بۇرۇن كانىش (نېشا) پادىشاھلىقىغا پايتەخت بولغان بۇ ماكان، ھىتتىت مەدەنىيىتى تۇغۇلغان ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.

بۇ يەرنىڭ يۇقىرىقى شەھەر قىسمىدا خان جەمەتى سارايلىرى ۋە ئىبادەتخانىلار، تۆۋەنكى شەھەردە بولسا سودا مەركىزى ۋە ئولتۇراق رايون خاراكتېرىدىكى كارۇم جايلاشقان. بولۇپمۇ قەدىمكى ئاسسۇر ۋە ئانادولۇلۇق سودىگەرلەرگە ئالاقىدار تېپىلمىلار بىلەن تونۇلغان كۈلتەپەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن تەخمىنەن 23 مىڭ 500 مىخ خەتلىك سېغىز توپال تاختاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ دۇنيا ئەستە تۇتۇش مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

2014-يىلى UNESCO نىڭ دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كۈلتەپەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تەخمىنەن پىرسەنت 5 ى قېزىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى