خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى مەدىنە ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىدا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ھاۋادا توسۇپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
(ئارخىپ) ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە ۋە شەرقىي رايونىدا 5 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى توسۇپ قېلىندى»

يەمەندىكى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى، گېنېرال-مايور تۇركى ئەلمالىكى X سۇپىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلمالىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتتىپاقداش قىسىملار بايقىغان بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا توسۇپ چۈشۈرۈلگەن. ئۇ ئاپپاراتلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

يەمەندە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بەزى ۋىلايەتلەرنى كونترول قىلىۋالغاندىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشى كۈچەيگەن ھۇسىيلار ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتپ ھۇجۇم قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى