خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەقۋى، مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددىن ناسۇتىئون بىن ئىسمائىل بىلەن كۆرۈشتى.
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى

سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

پاكىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى Associated Press of Pakistan  غانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەقۋى پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەنسەپدىشى سەيفۇددىن بىلەن پايتەخت ئىسلامابئادتا كۆرۈشكەن.

مىنىستىرلار، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزىكىرىلەشكەن.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىدە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنىڭ، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن مىنىستىرلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ساقچى ئاكادېمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

نەقۋى ۋە سەيفۇددىن مىنىستىرلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى ۋە ساھىل ئامانلىقىغا ئوخشاش بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىدە كېلىشتى.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى