سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا، بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلدۈردى.
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر كالىنىنگرادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە زېمىنىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دۆلىتىمىز ئىگە بولغان بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىش مەسىلىسى مۇقەررەر ھالدا ۋە دەرھال كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ» دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ۋالداي مۇنازىرە كۇلۇبىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدە توختالدى.

 ئۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كالىنىنگرادقا مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى ۋە بەزى دۆلەتلەرگە يوللىغان خەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ھېچكىمنى قورقۇتمايمىز. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتى ۋە بەزى دۆلەتلەرگە يوللىغان خەتلىرى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزگە تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغانلارغا قايتۇرۇلغان جاۋابتۇر.

بىز نە 2029-يىلى، نە 2030-يىلى، نە 2050-يىلى ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىمايمىز، ئەمما ھۇجۇمغا ئۇچرىساق جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز. ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پۇقرالىرى شۇنى ئېنىق چۈشىنىشى كېرەككى، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز بىلەن ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى بەزى سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ئوخشىمايدۇ.»

 رۇسىيەنىڭ قارشىسىدا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي يوشۇرۇن كۈچى زور، نۇپۇسى رۇسىيەنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بىر تەرەپنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرگەن پۇتىن، بۇ تەھدىتكە قارىتا ئۆزلىرىدىكى كۈچ ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ چەكلىك قالىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ئىگە بولغان قوراللار باشقا ھېچكىمدە يوق. بۇ بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەندە چېكىندۇق
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئىران: ئاراقچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىنى پەزەشكىيانغا سۇندى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىسرائىلىيە  باشقا دۆلەتلەردىكى ھاماس رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارغا ئائىت ھەربىي ئۇنسۇرلار بىر تەرەپ قىلىندى»
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىرمادا 50 كىشى قازا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
گىرېتسىيە ئىسرائىلىيەدىن ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى