«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىر ئىستون يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ سابىق تۇتقۇنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ، پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى، ئەسكەرلىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە سوراقچىلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «پەلەستىنلىكلەرنىڭ نومۇسىغا تېگىشكە سۈكۈت قىلىش» ماۋزۇلۇق بۇ ئىستون ماقالىسىدە، يازغۇچى نىكولاس كىرىستوف ئىسرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى ۋە قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزگىلدە جىنسىي تەجاۋۇزچىلىق ۋە باشقا خورلاشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن 14 نەپەر پەلەستىنلىك ئەر-ئايال بىلەن زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نىكولاس كىرىستوف يازمىسىدا گەرچە «ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ نومۇسقا تېگىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق» دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بىرلىشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە ئالاقىدار تەييارلىغان بىر دوكلاتىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەلىك مەسئۇللارنىڭ «جىنسىي زوراۋانلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بىر خەۋپسىزلىك سىستېمىسى» بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە، سابىق تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدىكى نومۇسقا تېگىش، تاياق يېيىش، جىنسىي زوراۋانلىق تەھدىتىگە دۇچ كېلىش ۋە خارلىنىش قاتارلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
كىرىستوف «ياۋروپا-ئاق دېڭىز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Euro-Med Human Rights Monitor)، «بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى» (Save the Children)، «بېتسېلېم» (B'Tselem) ۋە «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىلارغا قارىتىلغان جىنسىي خورلاش ۋە ناچار مۇئامىلىلەر خاتىرىلەنگەن دوكلاتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرگە سىستېمىلىق ھالدا «جىنسىي قىيناش» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن 49 بەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئىستون يازغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم سابىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ناچار مۇئامىلىلەرنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.










