سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ ۋە لىكۇد پارتىيەسى، تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلام باياناتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىغا بارغانسېرى كۆپ كىرگۈزمەكتە؛ ئەمما ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى نېتانىياھۇنى تۈركىيەنى سىناشتىن ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
بارسېلونادا پەلەستىننى قوللىغۇچىلار نېتانىياھۇنىڭ قونچىقى ۋە ئۈستىگە «قاتىللار» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا بىلەن نامايىش قىلماقتا، 12-ئاپرېل(2026). / AFP Archive

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى باش مىنىستىر نېتانىياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتزنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان زوراۋانلىق تۈسىدىكى سىياسىي سۆزلىرىنىڭ كېرەكسىز جىددىيچىلىككە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە 12-قانىلى جۈمە كۈنى خەۋەر بېرىپ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ 27-ئۆكتەبىر (2026) ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كنېسسېت (پارلامېنت) سايلىمى ئالدىدا، نېتانىياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرەگە قاراتقان سۆزلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تاراتقۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان ئىختىلاپنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرماسلىقنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.

نېتانىياھۇ ۋە لىكۇد پارتىيەسى تۈركىيەنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلام باياناتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىغا بارغانسېرى كۆپ كىرگۈزمەكتە.

12-قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سەيشەنبە (2026-يىلى 18-ئاۋغۇست) كۈنى سەھەردە، تۈركىيە چېگراسىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەبۇ ئەلدۇھۇر ھەربىي ھاۋا بازىسىنى بومباردىمان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بەزى بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ۋەقەنى ئەنقەرە بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، بۇ ھۇجۇمنى كۆزدىن يىراق تۇتۇشنى ۋە رەسمىي باياناتلارنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە يەنە، ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەمەلدارلارنىڭ نېتانىياھۇ ۋە كاتزنىڭ ئېلان قىلغان قاتتىق باياناتلىرىدىن رازى بولمىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye seeks Interpol red notice against Netanyahu over Gaza flotilla attack

جۈمە (21-ئاۋغۇست) كۈنى ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، تۈركىيە، ئالجىرىيە، ھىندونېزىيە، ئىيوردانىيە، لىۋان، مالايشىيا، ماۋرىتانىيە، پاكىستان، پەلەستىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە سومالىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە قىلىنغان ئاشكارا دەخلى-تەرۇز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە غەززەگە بارىدىغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» (Global Sumud Flotilla) دىكى پائالىيەتچىلەرگە قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان سوت دائىرىسىدە، نېتانىياھۇ ۋە باشقا جاۋابكارلار ئۈچۈن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) (Interpol) نىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ «ن سوسيال» (NSosyal) ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك نېتانىياھۇ ۋە ئافېك موسكوۋىچ (Afek Moskovitch) قاتارلىق 35 جاۋابكار ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىيناق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن سوتنىڭ،  ئىستانبۇل 11-ئېغىر جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
پەزەشكىيان: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
بىرازىلىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى