غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانىس ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي پەلەستىنلىكلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانىس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى.

ئالبانىس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «(پەلەستىنلىكلەرگە قارشى غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا) ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە قايتا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئەسكەرلەر ۋە (قانۇنسىز) كۆچمەنلەر سۇ تۇرۇبىلىرىنى كېسىۋەتمەكتە. نابۇلۇس شەھىرىگە قاراشلىق قۇسرا بازىرىدىكى قورشاۋ داۋاملاشماقتا.»

ئالبانىس غەززەدىكى ۋەيرانچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشتىن (2025-يىلى ئۆكتەبىردىن) كېيىن 300 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1200 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇپ كىرىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
پەزەشكىيان: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
بىرازىلىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىرنى قاتتىق ئەيىبل
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ خېرسوندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى