تىكتوك ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فېدېراتسىيە بالىلار مەخپىيەتلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ باشلىغان دەۋاسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلدى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۈمە (2026-يىلى 21-ئاۋغۇست) كۈنى تىكتوكنىڭ 300 مىليون دوللار تۆلەمنى دەرھال تۆلەيدىغانلىقىنى، قالغان 100 مىليون دوللارنى بولسا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «Musical.ly» ئۈستىدىن چىقىرىلغان قوشۇلۇش بۇيرۇقى (consent decree) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ستانلېي ئې. ۋۇدۋارد (Stanley E. Woodward Jr) باياناتىدا: «مەزكۇر كېلىشىم ئامېرىكالىق بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ غەلىبە» دېدى.
مىنىستىرلىق بۇ كېلىشىمنىڭ بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە شىركەتلەرنى ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداشتا جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US court rules Meta, other tech firms must face 3,000+ lawsuits over social media addiction
بالىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى توغرىسىدىكى دەۋا
2024-يىلى باشلانغان بۇ دەۋادا تىكتوك ۋە بايتدانسنىڭ فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ بۇ قانۇن بالىلارنى نىشان قىلغان ئەپ ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ 13 ياشتىن تۆۋەن ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دەۋادا يەنە، شىركەتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئادرېسىنى ئۆچۈرۈش تەلىپىنى ئورۇندىمىغانلىقى، ئابونتلارنىڭ 13 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئادرېسلارنى ئۆچۈرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
تىكتوك دەۋا باشلانغاندىن بۇيان زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادىكى سودىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىشلەرمۇ بار. 1-ئايدا (2026) تىكتوك ئوراكلې (Oracle)، سىلۋېر لاكې (Silver Lake) ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ م گ ئېكس (MGX) مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىق مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر بىلەن يېڭى «TikTok US» بىرلەشمە كارخانىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.
تىكتوك ۋەكىللىرى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى.
تىكتوكنىڭ تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكى مەسىلىسىدە بارغانسېرى ئېغىر قانۇنىي تەكشۈرۈشكە دۇچ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەر ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
ئىنستاگرامنىڭ (Instagram) باش شىركىتى مېتا (Meta) مۇ ھازىر كالىفورنىيە ئىشىتاتىنىڭ ئوكلاند شەھىرىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوتلانماقتا؛ ئۇ 1998-يىلدىكى «بالىلار تور مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى» (COPPA) غا ۋە ئىشىتات قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US appeals court rejects Meta, TikTok bids to halt youth harm lawsuits



















