«ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەرلەر تورىنىڭ پەيشەنبە ئاخشىمى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رايونلۇق ۋاسىتەچىلەر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، يادرو كېلىشىمى ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.
ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىككى مەنبە ۋە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەنبەلەر رايوندىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يەتكۈزگەن.
ۋاسىتىچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىكى رايونلۇق مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاسىتىچىلەر يېقىندا ھورمۇز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئىران ھۇجۇملىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى رامكا كېلىشىمىگە قارشى چىقىدىغان ۋە بۇ كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىران ھاكىمىيىتى تەركىبىدىكى كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان دەپ قارىماقتىكەن.
مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قاتار، پاكىستان، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىران ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن.
ۋاسىتىچىلىك مۇساپىسىگە قاتنىشىۋاتقان رايونلۇق بىر مەنبە: «ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ بىلەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش، ئارقىدىن تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئىران بىلەن ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىدا ئۈچ سودا پاراخوتىغا قارىتىلغان ئىران ھۇجۇمىدىن كېيىن كۈچەيگەن سۈركىلىش جەريانىدا ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشتى.
تېھران ئامېرىكانىڭ كېچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى كۈنلۈك ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس سۈپىتىدە، پەيشەنبە كۈنى بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى قوزغىدى.















