خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى
بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رۇمېن رادېۋ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى
بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

خىتاي مىنىستىر بۇلغارىيە رەھبىرى تەرىپىدىنمۇ كۈتۈۋېلىندى.

بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رۇمېن رادېۋ، دۆلىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى پايتەخت سوفىيەدە كۈتۈۋالدى.

ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سۆز قىلغان رادېۋ، بۇلغارىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىنىڭ بۇ ساھەلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك ئالاقىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان رادېۋ، دۆلىتىنىڭ بۇ ساھەلەردە ياۋروپاغا ئېچىلغان بىر دەرۋازا رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋاڭ يى بولسا رادېۋنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ۋە مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيەدە بولىدىغان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، بۇلغارىيەنىڭ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مىنىستىر ۋاڭ يى بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى ئىلىيانا يوتوۋا تەرىپىدىنمۇ كۈتۈۋېلىندى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلار مۇھاكىمە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى