ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىينى رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، دۇنيا يېقىلغۇ بازىرىغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
(ئارخىپ) تىرامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل ئايرىش زاۋۇتلىرىنى نىشانغا ئېلىشىنى تەنقىد قىلدى

ترامپ «Truth Social» دىكى يازمىسىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەنى مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن «ئەخمەقلەرچە» يىراقلاشتۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە دائىر نۆۋەتتىكى سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزاكىرىلەردە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق ھۆججىتىنى «خالىغان ۋاقىتتا ئىمزالىيالايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئىرانغا ناھايىتى ئاز ياردەم قىلغان، ھەتتا ياردەم قىلمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ترامپ: «مەن بۇ ھالەتنىڭ ساقلىنىشىنى خالايمەن؛ ئەخمەق كىشىلەر ئارىغا كىرمىسە، شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

ترامپ زېلېنىسكىينىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا دىزېل بازىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھۇجۇملارنىڭ دېھقانلار ۋە باشقا كارخانىلارغا زور زىيان سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ دۇنياغا يەنىلا مىليونلىغان ۋارىل دىزېل يېقىلغۇسىنى ئەرزان باھادا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: «زېلېنىسكىي بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ياۋروپا ۋە ئالدامچى جو بايدىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ پۇل بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ، بەلكىم ئەزەلدىن خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككى يىل بۇرۇن ھازىرقىدىن ياخشىراق كېلىشىم تۈزەلەيتتى» دېدى.

ئۇ زېلېنىسكىينىڭ دۆلىتىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، زېمىنىنىڭ زور بىر قىسمىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ يېرىمىنىڭ يارىلانغان ياكى ئۆلگەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى