بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل ۋە ليېج شەھەرلىرىدە مائارىپ سىياسەتلىرىگە ۋە خامچوت قىسقارتىشلىرىغا قارشى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 195 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.
رەسمىي بېلگا (Belga) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ليېج ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈنكى نامايىشلارغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، 12 سى قۇرامىغا يەتمىگەن بولۇپ جەمئىي 45 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىريۇسسېل ساقچى دائىرىلىرىمۇ تۈنۈگۈنكى ۋەقەلەر جەريانىدا پايتەختنىڭ مەركىزىدە ئېغىر زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى، 15 ئى قۇرامىغا يەتمىگەن بولۇپ جەمئىي 150 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 195 كە يەتتى.
نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى
بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ۋە ليېج شەھەرلىرىدە مائارىپ سىياسەتلىرىگە ۋە خامچوت قىسقارتىشلىرىغا قارشى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
بىريۇسسېلدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا كۆپ قېتىم كۆز ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن مۇداخىلە قىلغان ئىدى.
ليېجدىمۇ ساقچىلار نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن مۇداخىلە قىلغاندا ئەتراپتا يىغىلغان كىشىلەر «دوستلىرىمىزنى قويۇپ بېرىڭلار» دەپ شوئار توۋلىغان ئىدى.
فىرانسىيەدە مائارىپ شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش سۈپىتىدە باشلانغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى، 1-ئۆكتەبىردە بېلگىيەدە فىرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان قىسىملارغىمۇ كېڭەيگەن ئىدى.
ئاممىۋى تەرتىپ بۇزۇلغان نامايىشلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان، بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان ئىدى.




















