سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
«The Wall Street Journal» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېلەر ئاي دونالد ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئۈچ تەرەپلىك يىغىن ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان.
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خىتايدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ترامپ ۋە شى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

«The Wall Street Journal»  گېزىتى دىپلوماتىك مەنبەلەرگە تايىنىپ، پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سۆھبەت ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشكەن رۇسىيەنىڭ سابىق ئىستىخبارات خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن بۇ تەكلىپنى 9-ئۆكتەبىر ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ سۆھبەتتە ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدىن دىزېل يېقىلغۇسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىغا قايتا تەقسىم قىلىشىغا يول ئاچىدىغان بىر قەدەم ھەققىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.

كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ يىغىنغا دائىر دەسلەپكى سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ گېزىتكە: «يىغىننىڭ ئۆزى ياكى مۇمكىن بولغان كۈنتەرتىپى ھەققىدە تېخى ئېنىق كېلىشىم يوق. بىراق ئۈچ تەرەپ بۇنداق يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ترامپنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ھەققىدە تېخى رەسمىي ۋەدە بەرمىگەنلىكىنى، لېكىن ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدىكى سايلام ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

APEC  يىغىنى دائىرىسىدىكى تەكلىپ

مۇزاكىرىلەردىن خەۋەردار مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكۋا ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشنى 18–19-نويابىر خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئاسىيا—تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان.

رۇسىيە ۋەكىللىرى بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بېيجىڭغا يەتكۈزگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا قوشۇلسا، بۇنداق يىغىنغا قارشى چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر سابىق رۇسىيە ئىستىخبارات خادىمى پۇتىننىڭ بۇ ئۈچ تەرەپلىك شەكىلنى 1945-يىلدىكى يالتا يىغىنىنىڭ زامانىۋى بىر نۇسخىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنياۋى تەسىر دائىرىلىرىنى قايتا بەلگىلەشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە بۇ تەكلىپنىڭ، ترامپنىڭ ئامېرىكادىكى يېقىلغۇ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن پۇتىن بىلەن رۇسىيەدىن دىزېل يېقىلغۇسى ئىمپورت قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى ۋە جۈمە كۈنى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جازالىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى