رۇبىيو X ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، سەئىدوۋ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە، ئالەم بوشلۇقى ۋە ھالقىلىق مىنېراللار ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى، شۇنداقلا C5+1 دىپلوماتىك سۇپىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.
رۇبىيو ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى سېرگىيو گورمۇ X تىكى يازمىسىدا، 300 دىن ئارتۇق سودا ساھەسى ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا—ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي شېرىكلىكىنىڭ «كېيىنكى سەھىپىسىنى يېزىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.






















