سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدىغان بارلىق قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
قولتۇق ھەمكارلىق كېڭىشى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان خۇسىيلار ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى

بەھرەيننىڭ پايتەختى مانامادا، بۇ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللەتىف ئەززەييانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 168-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە كېڭەشنىڭ باش كاتىپى جاسىم ئەلبۇدەيۋى قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە باياناتىدا، ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك، تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە پاراۋانلىققا تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۇلارغىمۇ قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى. ھۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا ئېرىشىشىگە يول ئاچىدىغان بارلىق ياردەمنى توختىتىش چاقىرىقىمۇ باياناتقا ئىلاۋە قىلىندى.

يىغىندا رايوندىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى. يېپىلىش باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەگە قايتىشقا، ھورمۇز بوغۇزىدا پاراخوت قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىلدى. كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇشىمۇ تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىيوردانىيەگە بىۋاسىتە ياكى ئىران قوللايدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارقىلىق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق تەكىتلىنىپ، بىر ئەزا دۆلەتكە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى