پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، غەززەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بالىلارنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ۋە مائارىپ نۇقتىلىرىغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، شۇنداقلا سادىر قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خاتىرىلەشكە چاقىرىلدى.
تەۋسىيە
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پەلەستىنلىك بالىلاردىن ئىككىسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشى، بىرى بولسا مەكتەپتىن قايتىش يولىدا دۇچ كەلگەن ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.






















