خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
رۇسىيە رايون ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلىپ، سۆھبەت مۇساپىسىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
Zakharova kaže da Tokio nema osnova da ruskom rukovodstvu govori koje dijelove zemlje predsjednik Rusije može posjetiti.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيە زاخاروۋا ئىران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىقى»غا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىچە بېسىقمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا كىرىزىسلار بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

زاخاروۋا: «ئىرانغا قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بېرىلىۋاتقان بېشارەتلەر كىشىدە ئىنتايىن ئېغىر ئەندىشە قوزغىماقتا» دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان كۆرۈلگەن ھەربىي ھۇجۇملار داۋامىدا ئىران خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى ھەرگىز سۇندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى؛ شۇڭا يېڭىدىن ھۇجۇم تەھدىتى سېلىۋاتقان تەرەپلەر بۇ رېئاللىقنى جەزمەن ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك.

زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ رايوندىكى مۇرەسسەچىلىك تەشەببۇسلىرىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مەيلى بوغۇز بويىدىكى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى بۇ مۇھىم سۇ يولىدىن بىخەتەر پايدىلىنىشنى خالايدىغان باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى ئورتاق كۆزدە تۇتۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە ئىران بىلەن «مەككە ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ

زاخاروۋا 26-ئۆكتەبىر تېھراندا ئىران بىلەن «مەككە ئىتتىپاقى»غا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتنى رۇسىيەنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى ۋە بىر-بىرىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئورتاق ھۆرمەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سۆزىنىڭ ئاخىرىدا زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ بەسرە قولتۇقى رايونىدا ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىدىن خالىي بولغان، ئورتاق خەۋپسىزلىك سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى
ئىسرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا كەم دېگەندە 13 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلدى
نېتانياھۇ يېڭى سايلام تەلەپ قىلماقچى، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى توسۇپ قالالايدۇ
تۈركىيە ئەنقەرەدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
لا لىگا ۋە مباپپې ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى