ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر خادىم ۋە ئۈسكۈنە يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلىش، خامچوت قىسقارتىشلىرىغا خاتىمە بېرىش ھەمدە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش تەلىپى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ياۋروپا ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسى (EPSU) بىلەن بېلگىيەدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئويۇشمىلىرىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئوت ئۆچۈرگۈچى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىرنەچچە كىلومېتىر ئارىلىقتىكى ياۋروپا پۇقرالارنى قوغداش مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن «Tour & Taxis» كۆرگەزمە زالىغا قەدەر پىيادە يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار خادىم ۋە جابدۇق كەمچىللىكىگە، شۇنداقلا ناچار خىزمەت شارائىتىغا دىققەت تارتىپ، خامچوتنى ئازايتىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.




























