خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
موسكۋا دائىرىلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

كىرېمىل سارىيى رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا مۇشۇ ئاينىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن موسكۋا، ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ Financial Times گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «بۇنداق بىر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا» دېدى.

 ۋاشىنگتون، بېيجىڭ ۋە موسكۋادىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار مەنبەلەرگە تايىنىپ ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەسئۇللار 18-19-نويابىر كۈنلىرى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەردە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ قاتنىشىدىغان ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3 تەرەپنىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى ياكى بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتون ۋە موسكۋا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىمە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. تېمىغا يېقىن مەنبەلەر خىتاينىڭ بۇ ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك مەسىلىسىدە تېخى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەردە: «سۆھبەتلەردىن خەۋەردار بىر كىشى ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانى خىتاينى مۇشۇنداق بىر يىغىننى قوبۇل قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا بېرىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى» دېيىلدى.

كىرېمىل سارىيى مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ ئالدىنقى ئايدا پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىشنىڭ تەرەپلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇشاكوۋ 21-ئۆكتەبىردە ساينت-پېتېرسبۇرگدا پۇتىن بىلەن ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا سەۋىيەدە زور قىزىقىش قوزغىغان بۇ ئۇچرىشىش تېمىسىنىڭ مەزكۇر سۆھبەتلەر جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پېسكوۋ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، پۇتىننىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىسىنىڭ تېخى تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يىغىن رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىگە دائىر ھازىرچە ئېنىق بىر ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
كىرىپتو پۇل سۇپىسى بىنەنسە (Binance) چوڭ بىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى
ئىسرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا كەم دېگەندە 13 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلدى
نېتانياھۇ يېڭى سايلام تەلەپ قىلماقچى، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى توسۇپ قالالايدۇ
تۈركىيە ئەنقەرەدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتمەكچى