سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىھا زېلېنىسكىينىڭ ترامپنىڭ قاتنىشىشى ياكى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
(ئارخىپ) ئۇكرائىنا: «زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن»

سىبىھا ئۇكرائىنانىڭ «RBK-ئۇكرائىنا» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتنىشىدىغان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى قايتا ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىبىھا: «بۇنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلگە ئېشىشىنى خالايمىز. تىنچلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كىچىك پۇرسەتتىنمۇ پايدىلىنىمىز» دېدى.

سىبىھا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قاتنىشىشى ياكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە