تۈركىيە دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بەش يىللىق يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بەش يىللىق يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدىتۈركىيە 2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىشنى نىشان قىلغان ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانىنى ئاشكارىلىدى.
تۈركىيە دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بەش يىللىق يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى

بۇ پىلان ئارقىلىق بەش مىليون كىشىنى سۈنئىي ئەقىل بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋە 110 مىڭ مۇتەخەسسىس يېتىشتۈرۈپ چىقىش نىشان قىلىنماقتا.

تۈركىيە تېخنولوگىيە مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشچان ھەل قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىش مەقسىتىدە، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل مەركىزىگە ئايلىنىشقا يۈزلەنگەن يېڭى ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «2026-2030-يىللىق تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ھەرىكەت پىلانى» ھەققىدىكى قارارنامەنى ئىمزالىدى، مەزكۇر ھۆججەت سەيشەنبە كۈنى «ھۆكۈمەت گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سىجىل رەقەملىك بۇرۇلۇش نىشانىغا ماس كېلىدىغان يېڭى يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقتى. ھۆكۈمەت ئىشەنچلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «تونۇش»، «پايدىلىنىش»، «ئىشلەپچىقىرىش» ۋە «باشقۇرۇش» تىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق باسقۇچنى بېكىتتى.

ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش دائىرىسىدە، ئىككى يىل ئىچىدە 81 ۋىلايەتتىكى بەش مىليون پۇقرانى سۈنئىي ئەقىل بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇش نىشان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 10 مىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس ۋە 100 مىڭ قوللىنىشچان پروگرامما مۇتەخەسسىسى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئىختىساسلىقلار پىروگراممىسى باشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، كەم دېگەندە 2000 ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەييارلاش ۋە ئىشلەتكۈچى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي رامكا بەرپا قىلىش پىلانلانماقتا.

تۈركىيە 2030-يىلىغىچە سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ ئومۇمىي ھېسابلاش كۈچىنى بىر گىگاۋاتقا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلار، يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر ۋە كىچىك كارخانىلارغا 20 مىليون گ پ ئۇ (GPU) سائەتلىك ھېسابلاش مەنبەسى ئاجراتتى. يېڭى پىلانغا ئاساسەن، ئاممىۋى ئاپپاراتلار ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش خامچوتىنىڭ كەم دېگەندە %2 نى سۈنئىي ئەقىل تۈرلىرىگە ئاجرىتىشى مەجبۇرىي قىلىندى. نۆۋەتتە سەھىيە، ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە سىناق پروگراممىلىرى باشلاندى.

تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى ساھەسىگە خۇسۇسىي تەرەپنىڭ باشلامچىلىقىدا كەم دېگەندە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشنى نىشان قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك تىللىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان چوڭ تىل مودېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانلانماقتا.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يېڭى بەلگىلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ دۇنياۋى بۇرۇلۇشتا پەقەت كۆزەتكۈچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشلامچى بولۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. قاجىر يەنە تۈركىيەنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىغا تايىنىدىغان ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىر ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى
رۇمېنىيە ھاۋا بوشلۇقىغا قانۇنسىز كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىنى بىر تۋىت، بىر ئاۋىياماتكا ياكى سايلام نۇتقى بىلەن ئىگەللىۋالغىلى بولمايدۇ
ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا تۈن نىسبىدە يەر تەۋرەش يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە 7.7 بال يەر تەۋرىدى
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئىران ئۇرۇشىدىن كىم پايدا ئالدى؟
كۇبا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ناتو ئايروپىلانلىرى لاتۋىيە تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟