تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلارنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋەتىنى، مىللىتى ۋە بايرىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت، مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى تىلىدى. شۇنداقلا غازىلارغا ئۇزۇن ۋە بەرىكەتلىك ئۆمۈر، ئالەمدىن ئۆتكەنلەرگە ئاللاھتىن مەرھەمەت تىلىدى.
ئەردوغان تۈركىيەنى تېررورلۇق بالاسىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان «تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) نىڭ بۇ ھەپتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ قورال تاشلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ 467 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەردوغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، تەشكىلاتنى بۇ باسقۇچقا ئېلىپ كەلگەن ئامىل — ۋەتىنىمىز ئوغلانلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە كۈرىشى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردا مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدۇر. تەشكىلات دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قەتئىي كۈرىشىمىز سايىسىدا بۆلگۈنچىلىك غەرىزىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. ئۇلار مەيلى سۈرىيەدە ياكى دۆلىتىمىزدە بولسۇن، مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. تۈركىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرىنى ھەممە كۆردى. ھازىر بىز بۇ بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ ئاخىرقى قەدىمىنى تاشلاۋاتىمىز. بۇنىمۇ شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىنى رەنجىتمىگەن ھالدا، قانۇن ۋە دېموكراتىيە ئاساسىدا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»
جۇمھۇر رەئىس، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى شۇنداقلا شېھىت يېقىنلىرى بىلەن غازىلارنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى قوغداش جەھەتتە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئەردوغان يەنە ژاندارما ۋە ساھىل بىخەتەرلىك ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «تېررورسىز تۈركىيە» ۋە «تېررورسىز رايون» تەسەۋۋۇرىنى نىشانغا يەتكۈزۈشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئون مىڭلارچە جېنىمىز بەدىلىگە كەلگەن ۋە دۆلىتىمىزنىڭ 40 يىلىنى نابۇت قىلىۋەتكەن بۇ مەسىلىنى، دۆلەت بىلەن خەلق بىرلىشىپ، خۇدا خالىسا، تۈپتىن ھەل قىلىمىز.»





















