لاتۋىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن بىر دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. لاتۋىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئاممىۋى ھېساباتى ئارقىلىق بۇ ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى باياناتتا، ھاۋا تەۋەلىكىدە خەتەر بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، پۇقرالاردىن ئۆيىدىن چىقماسلىق تەلەپ قىلىندى. ئاۋگسداۋگاۋا، پرېيلى، رېزېكنې ۋە بالۋى قاتارلىق رايونلاردا ھاۋا تەھدىتى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلگەن بولۇپ، پۇقرالارغا تۆۋەنلەپ ئۇچۇۋاتقان ياكى گۇمانلىق جىسىملارغا يېقىنلاشماسلىق، شۇنداقلا بۇ خىل جىسىملار كۆرۈلگەندە دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىش ئەسكەرتىلدى.
ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر يازمىدا، قوراللىق قىسىملار ھاۋا تەھدىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا: «ئىتتىپاقداش (ناتو) ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە كىرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشۈرۈۋەتتى» دېيىلدى. شۇنداقلا باياناتتا، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فىنلاندىيە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا ھاۋا ۋە دېڭىز قاتنىشىغا ۋاقىتلىق چەكلىمە قويغانلىقىنى جاكارلىدى.























