خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دېڭىز يولىدا بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغازىدىكى كېمە يولى ھەققىدە ئومان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى / AA Archive

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئىراننىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈچۈن تەييارلانغان قاتناش خەرىتىسى مەسىلىسىدە ئومان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسمائىل بەقايى Defa Press بەرگەن باياناتىدا، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىغا قىرغىقى بار ئىككى دۆلەت بولغان ئىران ۋە ئوماننىڭ، بىخەتەر قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 18-ئىيۇندا ئىمزالانغان پىكىر بىرلىكىكېلىشىمىدىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى زىچ مۇزاكىرىلەرنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بەقايى: «ئامېرىكانىڭ توسالغۇلىرىغا قارىماي سۆھبەتلەر ئاخىرقى ئۈچ ھەپتىدە ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى ۋە قاتناش خەرىتىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېدى.

مەزكۇر پىلاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كوئوردىناتسىيەسىدە ئىران مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەييارلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why the Middle East is looking beyond the Strait of Hormuz?

ئىككى تەرەپنىڭ تېھران ۋە ماسكات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان ئورتاق باياناتنىمۇ ئۆز ئەچىگە ئالغان، ئەمما تېخى ئېنىقلاشمىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بەقايى، مۇزاكىرە مۇساپىسى تاماملانغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بەقايى، ئىران-ئومان تەرتىپىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇستەقىل بىر كېلىشىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بوغۇزدا بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن قايتىدىن تىكلىنىشىنىڭ ۋە ئادەتتىكى سودا پاراخوتلىرى قاتنىشىنىڭ باشلىنىشىنىڭ، ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە، ھەربىي تەھدىتلىرىگە ۋە دېڭىز قامىلىغا خاتىمە بېرىشىگە شۇنداقلا ئاخىرقى ئالتە ئايدا خىلاپلىق قىلغان مەجبۇرىيەتلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر سۆھبەتلەر، تېھران ۋە ماسكاتنى ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈچۈن يېڭى بىر قاتناش لىنىيەسى رامكىسى بەرپا قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرگەن ئىران-ئامېرىكا پىكىر بىرلىكى ھۆججىتى دائىرىسىدە باشلانغان تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. ئىران ۋە ئومان تىرانسپورت لىنىيەلىرى ئۈستىدىكى سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن تېھران ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ پىكىر بىرلىكى ھۆججىتى دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكرارلىماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran lists six demands to open Hormuz. What are they?

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»