تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» تەشەببۇسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋە رايون مىقياسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر بىرلىكنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا «تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېرروردىن خالىي بىر رايون» قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قۇرتۇلمۇش، بۇ تەشەببۇسنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايون خاراكتېرلىك بىر مۇساپىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ تەرىپلىدى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوغازئىچى دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ ئاخىرلىشىش پروگراممىسىدا سۆز قىلغان قۇرتۇلمۇش: «40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان، مىڭلارچە ئادىمىمىز شېھىت بولغان، ئون مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يېزا ۋە شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بۇ مۇساپىنى ئەمدى ئارقىدا قالدۇرىمىز» دېدى.
قۇرتۇلمۇش: «بۇ دۆلەتتە تۈركلەر، كۈردلەر ۋە باشقا ئېتنىك توپلۇقلاردىن بولغان كىشىلەر بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە يولىنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
بۆلۈنۈش، ئايرىش ۋە ياتلاشتۇرۇش تىلىنىڭ ئورنىنى «قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك تىلى» ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، بۇ ئۇسۇلنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ھالقىپ تۈركلەرنى، كۈردلەرنى، ئەرەبلەرنى ۋە باشقا تخەلقلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى قۇرتۇلمۇش: «كۈچلۈك بىر رايون، تېرروردىن خالىي بىر رايون قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ» دېدى.
















