خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بېرلىندىن دەمەشقكە تەخمىنەن 14 يىلدىن كېيىن تۇنجى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى
نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى ئۆتكەن ئايدا ئىمزالانغان ھاۋا قاتنىشى كېلىشىمى دائىرىسىدە گېرمانىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ھاۋا ئالاقىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشتى.
بېرلىندىن دەمەشقكە تەخمىنەن 14 يىلدىن كېيىن تۇنجى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى
بېرلىندىن دەمەشقكە تەخمىنەن 14 يىلدىن كېيىن تۇنجى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى / AA Archive

سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SANA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارىدىن تەخمىنەن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېرلىندىن دەمەشقكە تۇنجى بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى شەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. گېرمانىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا ئقاتنىشىغا يېڭى بىرى لىنىيە قوشۇلدى.

گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى Sundair تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى، سۈرىيەنىڭ بېرلىندىكى ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى مۇھەممەد بارائى شۇكرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بېرلىن ئايرودۇرۇمىدىن دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچتى.

بۇ ئىلگىرىلەش سۈرىيەنىڭ خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناش تورىنى كەڭەيتىش قەدەملىرىنى تاشلاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

سۈرىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ۋە ھاۋا قاتنىشى ئاممىۋى ئورگىنى باشلىقى ئۆمەر ئېلھۇسارى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى LEAV Aviation نىڭ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ كۆلن بىلەن دەيرىزور ئوتتۇرىسىدا ھەپتىدە بىر قېتىم بىۋاسىتە پىلانلىق ئايروپىلان قاتنىشىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى لىنىيە بېرلىن بىلەن دەمەشق ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلانقاتنىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

سۈرىيە ۋە ئالمانىيە 16-ئىيۇلدا دەمەشتە ھاۋا قاتنىشى كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
ئىران: «شەرتلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىران پىرېزىدېنتى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى تېھراندا قوبۇل قىلدى
ئىران پارلامېنتى ھۆرمۈز بوغۇزى قانۇن تەكلىپى تەييارلىماقتا
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى